首页歌词搜索

Dilbar歌词

Dilbar歌词
作者lecms字典 时间2026-06-23 17:46:12
دىلبەر
ساقلايمەن تاكى سەن كەلگۈچە دىلبەر،
يىگانە ئايلىنىپ ئۆستەڭ بويىدا.
قارايمەن يولۇڭغا كۆزۈمنى ئۈزمەي،
يىراقتىن سايەڭنى كۆرۈش كويىدا.
قارايمەن يولۇڭغا كۆزۈمنى ئۈزمەي،
يىراقتىن سايەڭنى كۆرۈش كويىدا.
مۇزىكا
مەجنۇنتال ئاستىدا سۈرىمەن خىيال،
چېرايلىق ئىسمىڭنى تەكرار پىچىرلاپ.
قاراڭنى كۆرسەملا يايراپ كېتىمەن،
يۈرۈكۈم يالقۇنلاپ ئوتلۇق تىپىرلاپ.
قاراڭنى كۆرسەملا يايراپ كېتىمەن،
يۈرۈكۈم يالقۇنلاپ ئوتلۇق تىپىرلاپ.
مۇزىكا
بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ سۆيىمەن سېنى،
سېغمايدۇ كۆڭلۈمگە سەندىن باشقىسى.
ئىشقىڭدا خۇشناۋا بۇلبۇلمەن گويا،
ياڭرايدۇ قەلبىمدە سۆيگۈ ناخشىسى.
ئىشقىڭدا خۇشناۋا بۇلبۇلمەن گويا،
ياڭرايدۇ قەلبىمدە سۆيگۈ ناخشىسى.
ھاياتىم بىردانەم ئەي گۈزەل دىلبەر.
سەرۋىناز بويۇڭنى كۆرگۈملا كىلەر.
ھاياتىم بىردانەم ئەي گۈزەل دىلبەر.
سەرۋىناز بويۇڭنى كۆرگۈملا كىلەر.
سەرۋىناز بويۇڭنى كۆرگۈملا كىلەر.

友情链接 交换友情链接:16322022